企业网站流量统计
企业网站流量统计

2007年12月3日星期一

adsense نىڭ ئۇقتۇرىشى New

نىڭ تۆنۈگۈن تارقاتقان ئۇقتۇرىشى : بىز بۇ قېتىم Adsense يىغىنى ئېچىش جەريانىدا نۇرغۇن سۇئاللارغا دۇچ كەلدۇق، بۇ سۇئاللارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغىنى تۆۋەندىكىلەر 1. بىر تور بەتكە ( بېكەت ئەمەس بەت ) ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە تال ئېلان قويساق بولىدۇ؟2.بىر ئادەم كۆپ بولغاندا قانچە توربەتكە ئېلان قويسا بولىدۇ؟3.بىر تور بېكەت( بەت) كە قانچە ئادەم ( ئايرىم ھېساباتى بار ) گۇگۇل ئېلانى قويسا بولىدۇ؟جاۋابىمىز تۆۋەندىكىچە : 1. بىر توربەتكە ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 تال ئېلان- adsnse for content دىمەكچى، ئىككى تال ئىزدەش رامكىسى- adsense for search دىمەكچى، ئۈچ تال ئۇلىنىش - adsense for link دىمەكچى، ئۈچ خىل مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش ئېلانىنى بىراقلا قويۇشقا بولىدۇ، سانى بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ 2.بىر ئادەم قانچە تور بېكەتكە گۇگۇل ئېلانى قويسا بولىدۇ ،بۇنىڭغا بەلگىلمە يوق، ئەگەر ئېلان قويغان تور بەتلەر سىزنىڭ تور بېتىڭىز بولسا ياكى سىز ئۇ تور بەتكە ئېلان قويۇش رۇخسىىتى ئالغان بولسىڭىز ، ھەمدە ئۇ توربەت گۇگۇل كىلىشىمىگە خىلاپ بولمىسا ئېلاننى خالىغانچە قويىۋېرىڭ ! 3. بىر تور بەت ( ياكى بېكەت ) كە قانچە adsense ھېسابى بار ئادەم ئېلان قويسا بولىدۇ، بۇ ئىشقا قارتا مەسلە ئايدىڭ بولسۇنكى، ئەگەر تور بېكەت ئىگىسى كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر تور بەتكە ئېلان قويىشىنى تەستىقلىغان بولسا ، قانچە ئادەم ئۆزىنىڭ ئېلان كودىنى بىرلا تور بەتكە چاپلىۋالسا مەيلى، ئەمما مەزكۇر تور بەتتە كۆرۈنگەن ئېلانلارنىڭ ئومۇمى سانى 1- سۇئالغا بەرگەن جاۋابىمىزدىكى ساندىن ئېشىپ كەتسە بارلىق ئېلان قويغۇچىلارنىڭ ھېسابىنى تاقايمىز ! ئەگەر تور بېكەتتىكى مەلۇم بىر ئېلان قويغۇچى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلسا، شۇ توربەتكە ئېلان قويغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېلان ھېساباتىنى تاقايمىز ! ئەگەر شۇ تور بېكەت گۇگۇل كىلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تور بېكەتكە نامۇۋاپىق مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرسا شۇ تور بېكەتكە ئېلان قويغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھېساباتىنى تاقايمىز تۈگىدى تەكلىماكان بلوگدىن ئېلىندى

ئۇيغۇرچە Google - يېڭى گۇگۇل



گۇگۇل شىركىتى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن تور بېكەتلەر ئاتالمىش ئۇيغۇرچە گۇگۇل ئېلان قىلىشقا باشلىدى، ئەمما بۇ توربېكەتلەر ئېلان قىلغان ئۇيغۇرچە گۇگۇلنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكلىرى باركەن. ئاتالمىش ئۇيغۇرگۇگۇل تورى ، شىنجاڭ گۇگۇل تورى، گۇگۇل بىلىك ۋە باشقىلار... گۇگۇل ئۇيغۇر ( ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ) يېزىقتا بولۇپ، گۇگۇل شىركىتى قانۇنلۇق ئېلان قىلغان بەتكە قارىغاندا تور ئۈستىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئىقتىدارىنى قوشۇپ قويغان. بۇ خىل ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ھەممىسى گۇگۇلنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى ئوغۇرلاپ كېلىپ كۆرسىتىدۇ، ۋە ئىزدەش نەتىجە سانىنى يالغان مەلۇم قىلىدۇگۇگۇل شىركىتى قانۇنلۇق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرچە تور بېكەت ئادرېسىhttp://www.google.com/intl/ugياكى ھەرقانداق دۆلەت ( ياكى رايوندا ) گۇگۇل باش بېتىگە كرىپ ئەۋزەللىكلەر دىگەن تۈر ئىچىدىن ، ئۇيغۇرچە تىلنى تاللىساق بولىدۇمېنىڭ تور ئارلاپ ھېس قىلىشىمچە بىردىنبىر ئۇيغۇرلار ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىزدەش ماتورى < يۇلغۇن ئەترىتى> ئوتتۇرغا چىقارغان يۇلغۇن ئىزدەش ماتورىدۇر. بۇ بۇ كاساپەتنى كۆپ ئىشلىتىپ قويىمەن ، چىقىرىپ بەرگەن ئىزدەش نەتىجىلىرى گۇگۇلدىن قېلىشمايدۇ، ئەمما مەزمۇنى ئىنتايىن ساغلام

ئوتتۇز كارخانا بىلەن ھەمكارلاشتى Google


گۇگۇل شىركىتى كىلەر ھەپتىدە 30 دىن ئارتۇق خەۋەرلىشىش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ يانفون ئىنقىلابى يىغىنى ئاچماقچى، ئۆتكەن ھەپتە ۋولسچرتگېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئوبزورچى گارتنېر ئەپەندى : گۇگۇلنىڭ ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات سېستىمىسى يېزىپ يانفون ياسىيالىشى مۇمكىن ئەمەس! يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر نەرسە ،ئەلۋەتتە بىز گۇگۇلنىڭ ئۇنداق قىلالىشىدىكى ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا كۈچىدىن گۇمانلانمايمىز ،ئەمما گۇگۇلنىڭ بۇ جەھەتتە تەجىربىسى يوق! -دىگەن ئىدى . ۋولسچرت گېزىتىغا ئوبزور بەرگەن يەنە بىر كىشى تولۇنئاي بۇ گەپكە قارتا رەدىيە بېرىپ : گۇگۇل بۇ ھەقتە ئاللىبۇرۇن تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە مۇۋاپپىقىيەت قازاندى، گۇگۇلنىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى سېستىمىسى بىلەن چىقىدىغان يانفون كىلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرسىدا بازارغا كىرىدۇئاڭلاشلارغا قارىغاندا گۇگۇلنىڭ بۇ يانفونى يېڭى بىر مەشغۇلات سېستمىسى ئاساسىدا ئىشلەيدىكەن ،ھەم بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئىسمى ئاندرويد بولۇپ، لىناكس كودى ئاساسىدا يېزىلغان. بۇ يانفون گۇگۇل ئېلخەت ۋە خەرىتە مۇلازىمىتىنى قوللىغاندىن باشقا، ھازىر بار بولغان يانفون سېستىمىلىرنىڭ پروگراممىلىرىنىمۇ قوللايدىكەن. گۇگۇل ھازىر ئاللىبۇرۇن 30 دىن ئارتۇق خەۋەرلىشىش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق نەكستېل، ئامېرىكا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، موتورولا، سامسۇڭ، گوتوۋن ۋە برادكوملارمۇ بارخەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋولسترىت گېزىتى، سايدى خەۋەر قانىلى

ئالدامچىلارنى قانداق تاپىدۇ Google Adsense




گۇگۇل ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلىۋاتقانلار ئويلايدۇ، گۇگۇل شىركىتى بىر قاتار ئالدامچىلىقنى تەكشۈرىدىغان ماشىنا ۋە پروگراممىلار ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىپ، گۇگۇل ئېلانى ئارقىلىق پۇل تاپقانلارنى تەكشۈرىدۇ. ئۇنداقتا گۇگۇل زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چەككەنلەرنى تاپالايدۇ؟ تۆۋەندە گۇگۇلنىڭ بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمەنئادرېس ئارقىلىق تەكشۈرۈش IPھەرقانداق ئادەم بۇ ئۇسۇلنى چۈشىنىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىكى گۇگۇل ئېلانىنى چەككەن ئادەمنىڭ ئادرېسى ، سىزنىڭ ئادرېسىڭىز بىلەن ئوخشاش بولسا گۇگۇل سىزدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتىئادەتتە بىر تور بېكەتتىكى گۇگۇل ئېلانىنىڭ چېكىلىش نىسبىتى 10 پېرسەنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى ئەگەر تور بەتكە 100 ئادەم كىرسە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 قېتىم چېكلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا گۇگۇل سىزنىڭ ھېساۋاتىڭىزنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق بولغان چېكىلىش نىسبىتى 0.5 پېرسەنت بىلەن 10 پېرسەنتنىڭ ئارلىقىدا بولسا بولىدۇجۇغراپىيىلىك ئورۇنگۇگۇلنىڭ خەلقئارادا ئەڭ ئىلغار ئىز قوغلاش تېخنىكىسى بار ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئورگانلىرىمۇ گۇگۇلدىن بۇ جەھەتتە پايدىلىنىدۇ، گۇگۇل كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك يېزا-بازارلارغىچە ئىز قوغلىيالايدۇ. ئوخشىمىغان ئىككى ئايپىي ئادرېسى بار كومپيوتېردىن ئېلان چېكىپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمايسىز. شۇڭلاشقا ئۇ - بۇ تورخانا ئالمىشىپ ئېلان چېكىمەن دەپ ئويلىماڭCookiesكۆپلىگەن ئائىلىدە تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئادرېسى مۇقىم ئادرېس ئەمەس، ئەگەر تورنى ئۈزۈپ قايتا ئۇلىسىلا ئادرېس ئۆزگىرىدۇ، ئەمما ئۇنتۇپ قالماڭ ، گۇگۇل سىزنىڭ كومپيوتېرىڭىزغا ئۆزىنىڭ مىكرو پروگراممېلىرىنى ئورناتقان. بۇ پروگرامما ئارقىلىق ئايپى ئادرېسى ئۆزگەرسىمۇ گۇگۇل ئېلاننىڭ بىرلا كومپيوتېردىن چېكىلۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇگۇگۇلنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىگۇگۇل ئېلاندىن باشقا يەنە بىر قاتار ئېسىل مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىگەن ، مەسلەن : تور بەت زىيارەت ئانالىزى ،ئېلخەت، خەرىتە، ئىزدەش تارىخى، ئالىي مەكتەپ ئىزدەش، كود ئىزدەش، بلوگ ۋە باشقىلار. گۇگۇل ئېلان ھېساۋاتىمغا كىرمىسەملا گۇگۇل مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭئىزدەش ماتورىئەگەر سىزنىڭ تور بېتڭىز ھىچقانداق ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن يىغىلمىغان بولسا، ۋە ھىچقانداق داڭلىق تور بېكەتتە ئۇلىنىشى بولمىسا، تور بېتىڭىزگە نەدىن كەلگەن يۇقىرى زىيارەت قېتىمى بۇئىلھاملاندۇرۇپ ئېلان چەكتۈرۈشبۇ ئېلاننى چېكىپ قويۇڭ ، تور بېتىمىزنى قوللاڭ دىگەندەك سۆزلەرنى ئېلان ئەتراپىغا ئاسماڭ ، سىزچە گۇگۇل شىركىتىدىكىلەر سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى كىرىپ كۆرۈپ باقماسما، ھەتتا ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولمايدۇ، ئۇنتۇپ قالماڭ ، گۇگۇل شىركىتى ئۇيغۇرچە تور بېتىنىمۇ چىقاردى. ئۇلارنىڭ تەكشۈرىدىغان ئادەملىرى بارئېلان ئۈنۈمىئېلان ئۈنىمى دىگىنىمىز سىزنىڭ تور بېكىتڭىزدە ئېلاننى چېكىپ، ئېلان چەككۈچىلەرنىڭ ئېچىلغان تور بەتتىكى مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ( ياكى شۇ ئېلان مەزمۇنى بويچە مەزكۇر تور بەتكە ئەزا بولۇش دىگەندە ) نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىكى ئېلاننىڭ ئۈنۈمى بەك تۆۋەن بولسا، سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە تۆۋەن باھالىق ئېلانلار قويۇلۇپ قالىدۇ، ئەگەر تور بېتڭىزدىكى ئېلانلارنىڭ ھىچقانداق ئۈنىمى بولمىسا ھېساۋاتىڭىز پېچەتلىنىدۇ ( ئەسكەرتىش : گۇگۇل ئېلان ئۈنىمى سەۋەبىدىن ئاسانلىقچە ھېساۋاتىڭىزنى توختاتمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى گۇگۇل ئېلان كىلىشىمىدىن كۆرۈڭ)، شۇڭلاشقا يالغۇز ئېلان چېكىشلا بولۇپ، ئېلان كۆرۈش يوق بوپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

2007年11月26日星期一

گۇگۇل ئېلانى شەھۋانى توربەتلەرگە قويۇلمايدۇ

بۈگۈن گۇگۇل ئېلان بلوگى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ گۇگۇل بۇندىن كېيىن شەھۋانى توربېكەتلەرگە ئېلان تەمىنلىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەگەر شەھۋانى توربېكەتلەرگە گۇگۇل ئېلانى قويۇلسا توربېكەت ئىگىسىنىڭ ئېلان ھېساباتى توختىتىلىدۇ.گۇگۇل ئېلان كىلشىمىگە ئاساسەن ،گۇگۇل ئېلانى قويغان توربېكەتلەردە شەھۋانى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەكبۇ يەردىكى شەھۋانى دىگەن سۆز تۆۋەندىكى مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇشەھۋانى سۆز جۈملە، يېرىم يالىڭاچ رەسىمە ،كىچىك بالىلار ئوقۇشقا ،كۆرۈشكە بولمايدىغان كىتابئوغۇرلۇقچە تارتىلغان رەسىم ،ھېسسىياتنى ئۇرغۇتىدىغان دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان ھەرقانداق رەسىم ۋە سىنساغلام بولمىغان سۆز جۈملە ،ئىش ھەركەت مەسلەن : بىر ھەپتىدە ئۇنداق قىلىدۇ، مۇنداق قىلىدۇ ...دىگەندەكجىنسى ساغلاملىققا ئائىت تەربىيە ۋە جىنسى ساغلاملىق بويۇملار ئېلانلىرىقىسقىچە ئېيتقانداق جىنسىي ،شەھۋانىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قويغۇچىلار ،گۇگۇل ئېلانىنى قويماسلىقى كېرەك،بۇ ئېلان قويغۇچىلار تور بېكىتىدىكى يۇقىرىدا دىيىلگەن شەھۋانى مەزمۇنلارنى ئېلىۋەتمىسە گۇگۇل ئېلان ھېسابىنى توختىدۇ

Chikita ئېلان تەمىنلىگۈچى


چىكىتا شىركىتى مەخسۇس بلوگ ئېلانى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ،گۇگۇل ئېلانىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.ئۇنىڭغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ھەقسىز بلوگ ياكى تور بېتىڭىز بولىشى كېرەك.تىزىملاتقاندىن كېيىن تەخمىنەن ئىككى كۈن ئىچىدە تەستىقلايدۇ.تەستىقلاپلا قالسا كىرىمى ياخشى، پايپال ئارقىلىق ھېساۋات قىلىدۇ.ئەمما تور بېتىڭىز ھازىرچە ئېنگلىزچە بولىشى كېرەك، تېخىمۇ يېڭى مەزمۇنلارغا چىكىتا شىركىتى بېكىتىگە كىرىپ دىققەت قىلىڭhttp://www.chitika.com/

نۇسخا ئېلان قىلىندى Gmail Mobile 1.5


گۇگۇل ئېلخەت سېستىمىسىنىڭ يانفون 1.5نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.ئۆتكەن قېتىم ئېلان قىلىنغان نۇسخىغا قارىغاندا بۇ قېتىمقى نۇسخىدا بىر قىسىم ئىقتىدارلار كېڭەيتىلگەن ،مەسلەن : ئادرېس دەپتىرىنى كۆرۈش ،ۋە توردىن ئۈزۈك ھالەتتە ئېلخەت يېزىش ،ئېلخەتنى يانفوننىڭ ئۆزىدە ساقلاش قاتارلىقلار. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان نۇسخىدا گۇگۇل ئېلخەت ھېساۋاتىڭىزنى يانفوندا زىيارەت قىلغاندا ئون پارچە ئېلخەت تولۇق مەزمۇنى بىلەن يانفونغا ساقلىنىدۇ ،قالغان كونا ئېلخەتلەرنىڭ پەقەت تېمىسىلا ساقلىنىدۇ،مەزمۇنى يانفونغا چۈشۈرۈلمەيدۇ، رەسىم قاتارلىقلارمۇ چۈشمەيدۇ، يانفوندا تورغا چىقىش ھەققى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلدى.بۇ سېستىما بارلىق جەيۋا قوللايدىغان يانفونلاردا ئىشلەيدۇ.بۇنى يانفونىڭىزغا قاچىلاش ئۈچۈن يانفونداgmail.com/app ياكى m.gmail.comتور ئادرېسىنى زىيارەت قىلىڭ، دىققەت : ھازىرچە پەقەتلا ئېنگلىزچەئەگەر يانفونىڭىز ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون بولسا بۇ يەردىن 1.5 نۇسخا جەيۋا ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىزمۇ بولىدۇ

ئەڭ قىسقا تور نامى Google

يېڭى www.G.cn — گۇگۇلنىڭ ئەڭ قىسقا تور ئادرېسى

گۇگۇلنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ قىسقا تور ئادرېسى ئېلان قىلىندى گۇگۇل جۇڭگوغا كىرىدۇ http://www.g.cn/

ۋىستادىكى ئۇيغۇرچىغا كۆڭۈل بۆلدBill Gates

بىلىك كۇلۇبىدا Vista دىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى توپلاپ Microsoft قا ئەۋەتىش توغرىسىدا تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى بۇ توغرىلىق ئىزدىنىشلەر توختاپ قالمىدى. بۇ توغرىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان Aldirash (ئابدىخەۋەر)ئەپەندى، ياسىن ئىمىن ئەپەندى، ئالىم ئەھەت ئەپەندى، ئابدۇرېشىت (Raxit1973 )ئەپەندى، ئابدۇقادىر (Sahran, saralik) ئەپەندىلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە يېقىندا بۇ جەھەتتە يەنە بىر قېتىم يېڭى يول ئاچقان كۇلۇبىمىزدىكى ئەكرەم ئەخمەت ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمىز.ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئەكرەم ئەخمەت ئەپەندى كۇلۇبىمىزدىكى Vista دىكى مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈش توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى رەتلەپ، ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ بىل گەيتىس قا خەت يازغان. Bill Gates جاۋاب خەت يازغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى Microsoft نىڭ باش ۋەكىلى(ھازىرچە مەن شۇنداق ئااپ تۇراي) گە Vista دىكى ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى(خاتالىقلارنى) تۈزىتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە Vista SP1 دە تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئەكرەم ئەخمەت ئەپەندى بۇ ئىشلارنى ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە ھاۋالە قىلغان. Microsoft تەرەپ ئۇيغۇرسوفت قا تېلفۇن ئېلىپ ماتىريال تەييارلاپ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە ئالىم ئەھەت ئەپەندى، Aldirash ئەپەندى ۋە ياسىن ئىمىن ئەپەندىلەرنىڭ بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن بىلىك كۇلۇبىدا ئالدىنقى 2 قېتىم يوللانغان دوكلاد ئاساسىدا 3- قېتىملىق دوكلاد جىددى تەييارلىنىۋاتىدۇ.تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا جىددى قاراپ ئىلگىرى ھىس قىلغان ياكى يېڭىدىن بايقىغان مەسىلىلەرنى مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن شۇنداقلا خىزمەتلەرنىڭ كىتىپ بېرىش ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن كۆپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.بۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىكى تېمىلار: http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=3462http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=7091

ئۇيغۇرچە ئېلخەت قوللايدۇGoogle


بۈگۈن توساتتىن دۇنياغا داڭلىق تور شىركىتى گوگولنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلخەت قوللايدىغانلىقىنى كۆرۈپ خوشاللىقىىمنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي قالدىم. باشتا 163دىن گوگول غا ئۇيغۇرچە يوللىسام ئۆز پىتى بېرىپتۇ. بىراق گوگولدىن 163 كە يازغان خەت قالايمىقان كود شەكلىدە كەپتۇ. بىراق Googleدىن Googleغا يازغان خېتىم ئۆز پىتى بېرىپتۇ. دىمەك Googleئۇيغۇرچە ئېلخەينى ئىنتايىن ياخشى قوللاپ بىزنىڭ نەچچە يىللىق ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ. يەنە تېخې Googleنىڭ باش بېتىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇر كومپيۇتىر تىلىغا ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن. يەنى Googleنىڭ باش بېتىدىن 使用偏好دىگەن يەردىن Uyghurche دىگەننى تاللىساقلا بولىدۇ. گوگولدىن ئېلخەت ساندۇقى ئېلېش ئۈچۈن ،گوگول خەت ساندۇقى بار بىرى سىزگە تەكىلىپنامە ئەۋەتسە ،ئاندىن ئىلتىماس قىلالايسىز. گوگولدىن خەت ساندۇقى ئېلىشنى خالايدىغانلارغا مەن تەكىلىپنامە ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن. خالايدىغانلار بىر ئېلخەت ئادرىسىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار.

توربەتكە قانچە ئېلان قويسا كىرىم ئەڭ كۆپ بولىدۇ؟


بۇ قېتىم ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بىر توربېكەت باشلىقى بىزدىن سۇئال سورىدى، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تور بېتىگە ئۈچ ئېلان قويۇپتىكەن، كېيىن تور بەتنى تەڭشەش بولۇپ، بىرئېلاننى قىسقارتىۋېتىپتۇ، قىسقارتىلغاندىن باشلاپ گۇگۇل ئېلان كىرىمى بىر ھەسسە ئېشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار يەنە بىر ئېلاننىمۇ قىسقارتىپ ، توربەتتە بىرلا ئېلان ئورنى قويۇپتۇ، ئۈنىمىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ. نىمە ئۈچۈن ئاز ئېلان قويسا كىرىم كۆپ بولىدۇ؟ گۇگۇل ئېلانىنى ئەلالاشتۇرۇش دوكلاتىدا ئېلاننى كۆپەيتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش تەكلىپى بار تۇرسا ،بۇ زادى قانداق ئىشبىزنىڭ جاۋابىمىز : نۇرغۇن تور بېكەت ئىگىلىرى ئېھتىمال مۇشۇنداق مەسلىگە يولۇققان بولىشى مۇمكىن. تور بېكەتكە زادى ئاز ئېلان قويغان ياخشىمۇ كۆپ ئېلان قويغانمۇ؟ بۇ نوقتىغا نىسبەتەن تور بېكەتنىڭ مەزمۇنىغا قاراش كېرەك، بىز ئاز ئېلان قويۇلغان تور بېكەتلەرگە كىرىمنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئېلان سانىنى كۆپەيتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز ، ئېلان سانى كۆپ بولغاندا چېكىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ كىرىمنىڭ يۇقىرى بولىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر تور بېكەتنىڭ مەزمۇنى مول بولمىسا تور بېكەتتە ئېلان كۆپ ئەھۋال ئاستىدا ئەرزان باھالىق ئېلانلار كۆپرەك كۆرىنىشى مۇمكىن. چېكىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، كىرىم كۆپ بولمايدۇ، مەزمۇنى مولراق تور بېكەتلەردە ئۈچ تال ئېلان بولسىمۇ كىرىم يەنىلا يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئېلاننى كۆپ ياكى ئاز قويۇش تور بېكەتتىكى مەنبەلەرنىڭ مول بولىشىغا باغلىق